ئافرىندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ ئافرىن ناھىيەسى مەركىزىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

1131602
ئافرىندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك تەرىپىدىن ئېلىپ پبېرىلغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلمىدى.

ئاپتوموبىل بومبا ئافرىن ناھىيەسى شەھەر مەكىزىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرى بىناسىغا يېقىن جايدا ئەتىگەن سەھەردە پارتلىدى.

ئامانلىقىنى ساقلاش قىسىملىرى ئاپتوموبىلنى ئالدىن بايقاپ، پۇقرالانى مەركەزدىن ئۇزاقلاشتۇرغان بولغاچقا پارتلاشتا ئادەم ئۆلۈش ئېھتىمالىنىڭ ئالدى ئېلىندى. 

ۋەقەدىن كېيىن ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يۇقۇرى كۆتۈردى.

داچىلار كوچىسىدىمۇ ئاپتوموبىل بومبا بايقالدى. ئامانلىقنى ساقلاش ئەترىتى دەرھال نەخ مەيدانغا يېتىپ بېرىپ بومبىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك يەكشەنبە كۈنىمۇ ئافرىن شەھەر مەركىزىدە ئىككى قېتىم پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى سادىر قىىلغان ئىدى.

ھۇجۇم سەۋەبىدىن 2 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلىپ 8 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر