ئاتاتۈرك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇراسىملار ئارقىلىق ياد ئېتىلدى
دۇنيانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 80 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى.
1085225
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋىستىرىيالىيەنىڭ پايتەختى كانبېررا باش ئەلچىخانىسى، سىدنېي ۋە مېلبورن باش كونسۇلخانىلىرىدا مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
مالايشىيا، ھىندونېزىيە، خىتاي، پاكىستان، ئەزەربەيجان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ شۇ دۆلەتلەردىكى باش ئەلچىخانىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملاردا، ئاتاتۈركنىڭ تۈركىيە ۋە دۇنياغا بولغان ئەھمىيىتىگە ئالاقىدار نۇتۇقلار سۆزلەندى.