نۇمان قۇرتۇلمۇش جەمال قاشىقجى جىنايىتى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەردى

نۇمان قۇرتۇلمۇش بىر كونسۇلخانا بىناسىدا سادىر قىلىنغان جىنايەتنىڭ رەسمىي ئورگانلاردىن خەۋەرسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1084192
نۇمان قۇرتۇلمۇش جەمال قاشىقجى جىنايىتى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ۋەكىلى نۇمان قۇرتۇلمۇش، تۈركىيەنىڭ جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن مەدھىيە بىلەن تەقىب قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش پايتەخت ئەنقەرەدە ئانادولۇ مەتبۇئاتچىلار جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن پائالىيەتتە ھەر قايسى مېدىيا ئورگانلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. جەمال قاشىقجى جىنايىتى ئۈستىدە توختىلىپ، قاشىقجى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ تولىمۇ نەتىجىلىك قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى، تەكشۈرۈشنى ئىنتايىن ئوچۇق يورۇق، ئىنچىكە ئېلىپ بارغانلىقىنى، سەئۇدى ئەرەبىستان مەسئۇللىرىنى ھەمكارلىشىشقا چاقىرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش، تۈركىيەنىڭ جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن مەدھىيە بىلەن تەقىب قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ مەسىلە قانۇنىي، دېپلوماتىك، سىياسىي تەرەپلىرىدىن باشقا يەنە، باشتىن ئاخىرغىچە ئىنسانپەرۋەرلىككە مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىدۇر. بۇنداق ياۋۇزلارچە، زالىمانە قاراڭغۇ جىنايەتنىڭ يۈز بېرىشى، ھەرقانداق بىر سىياسەتنىڭ تېمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈشتىن ۋاز كەچلىكى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس ئىدى» دېدى. 

تۈركىيەنىڭ قاشىقجى جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھۆججەت، مەلۇمات ۋە دەلىل- پاكىتلارنى ۋاقتى ۋاقتىدا قارشى تەرەپلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا پۈتۈن تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش بىر كونسۇلخانا بىناسىدا سادىر قىلىنغان جىنايەتنىڭ رەسمىي ئورگانلاردىن خەۋەرسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ بۇ جىنايەتنىڭ پۈتۈن تەپسىلاتلىرىنى ئوتتۇرا چىقىرىش جەھەتتە، باش تارتىپ بولالماس مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى 2ئۆكتەبىردە توي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەنچە يوقۇلۇپ كەتكەن ۋە پىلانلىق جىنايەتنىڭ قۇربانى بولغان ئىدى.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر