چەلىك: رىم ۋە گېرىكلەرگە ھەرقانداق شەكىلدە ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، گىرېتسىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنى قەدەممۇ قەدەم كېڭەيتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى داۋالارغا دەپ باھا بەردى.

1079441
چەلىك: رىم ۋە گېرىكلەرگە ھەرقانداق شەكىلدە ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى ئۆمەر چەلىك، پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ئىجرائىيە ئورگىنى يىغىنىدىن كېيىن بەرگەن باياناتى جەريانىدا، گىرېتسىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنى قەدەممۇ قەدەم كېڭەيتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى داۋالار ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ تولىمۇ خەتەرلىك بىر پوزىتسىيە» دېدى.

ئۇ، گىرېتسىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنى قەدەممۇ قەدەم كېڭەيتىش يولىدىكى كىچىككىنىلا قەدىمىگە تۈركىيەنىڭ ئەڭ قاتتىق شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. تۈركىيەنىڭ، مىللىي بۇرغىلاش پاراخوتى فاتىھنىڭ ئاقدېڭىزدىكى تۇنجى بۇرغىلاش خىزمىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان چەلىك، «7.بۆلەك دېيىلىۋاتقان رايون، بىزنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىمىز ئىچىدىدۇر، قوراللىق كۈچلىرىمىز تەرىپىدىن كېرەكلىك جاۋاب بېرىلىدۇ، فاتىھ پاراخوتىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە مۇھاپىزەت قىلىنماقتا. گىرېك ۋە رىم تەرىپىگە ھەرقانداق شەكىلدە ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر