جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مولدوۋادا «دۆلەت ئوردېنى» بېرىلدى

مولدوۋادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مولدوۋا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى  تەرىپىدىن «دۆلەت ئوردېنى» بېرىلدى.

1070957
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مولدوۋادا «دۆلەت ئوردېنى» بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مولدوۋا پىرېزىدېنتى ئىگور دودون، تۈركىيە بىلەن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى دستانە مۇناسىۋەتلەرنى ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دۆلىتىگە بېرىۋاتقان ياردەملىرى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا «دۆلەت ئوردېنى» تەقدىم قىلدى.

مولدوۋا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «مولدوۋا پىرېزىدېنتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قوشقان ئالاھىدە تۆھپىسى مۇناسىۋىتى بىلەن <دۆلەت ئوردېنى> بېرىلدى.»

باياناتتا، «دۆلەت ئوردېنى» نىڭ، دۆلەتلەر ئارا دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلقلەرنىڭ ئۆزئارا يېقىنلىشىشىغا ھەسسە قوشقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە، مىنىستىرلىرىغا ۋە ئەلچىلىرىگە بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالتۇن ھەل بېرىلگەن «دۆلەت ئوردېنى» نىڭ، مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارى ۋە پىرېزىدېنتنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

كېيىنچە، ئىككى رەھبەرنىڭ ھۇزۇرىدا، تۈركىيە بىلەن مولدوۋا ئوتتۇرىسىدا، «ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتنىڭ ئورنىغا كىملىك بىلەنلا ساياھەت قىلىش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش كېلىشىمى» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مولدوۋا پىرېزىدېنتى ئىگور دودون كېيىنچە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن رېمونت قىلىنغان «خاتىرە تېشى» نىڭ ئېچىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باغچىسىغا جايلاشقان «خاتىرە تېشى» نىڭ ئۈستىگە مۇنداق ئەسكەرتمە يېزىلغان ئىكەن: «بۇ <خاتىرە تېشى> تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قىزغىن قوللىشى ۋە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا رېمونت قىلىندى.»

ئىككى رەھبەر كېيىنچە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى باغچىسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ نامىدىن تىكىلگەن ئېرەن ۋە دۇب دەرەخلىرى كۆچەتلىرىگە تۇپا ئېتىپ، بۇ كۆچەتلەرنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرىنى مۇھاپىزەت قىلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر