نۇمان قۇرتۇلمۇش سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسى ئۈستىدە توختالدى

نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىمپېريالىست كۈچلەرنىڭ رايوندا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، كۈچ – قۇدرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

1068774
نۇمان قۇرتۇلمۇش سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسى ئۈستىدە توختالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى باش ۋەكىلى نۇمان قۇرتۇلمۇش سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسىنىڭ ئاقىۋىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى. 

نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەسكىشەھىردە پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەتلىك مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

2ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەنچە ئىز دېرەكىسىز يوقىلىپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسى ئۈستىدە توختىلىپ، ۋەقەنىڭ تولۇق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسى ھەققىدە خەلق ئاممىسىغا بىلدۈرۈلگەندىن باشقا ئالاھىدە مەلۇمات يوقلۇقىنى تەكىتلەپ: «بۇ تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر ۋەقە. بىر ژۇرنالىستنىڭ يوقىلىپ كېتىشى مەسىلىسىدىن تېخىمۇ چوڭ ۋەقە. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئىشتا قىلچىمۇ يول قويۇش پوزىتسىيەسىدە بولمايمىز. مۇئەييەن مەلۇماتلار كەلگەندە خەلق بىلەن ئورتاقلىشىمىز» دېدى.  

ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، ئېمپىريالىست كۈچلەرنىڭ رايوندا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، كۈچ قۇدرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، رايوندا بۇ ئويۇنلارنى بۇزالايدىغان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىمپېريالىست كۈچلەرنىڭ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا خۇسۇسەن ئىقتىساد ئارقىلىق تۈركىيەگە بېسىم ئىشلەتمەكچى بولغانلىقىنى، تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ بېسىملارغىمۇ قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر