بىر ھەپتىلىك تېررورىزمغا زەربە بېرىش مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىندى
يېقىنقى بىر ھەپتىدە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورىزمغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، 25 پ ك ك ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىر ھەپتىلىك تېررورىزمغا زەربە بېرىش مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياتىدا، 8-ئۆكتەبىردىن 15-ئۆكتەبىرگىچە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېررورىزمغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، 14 پ ك ك ئەزاسىنىڭ ئۆلۈك، بەش پ ك ك ئەزاسىنىڭ تىرىك ھالدا قولغا چۈشكەنلىكى، ئالتىسىنىڭ تەسلىم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا چېتىشلىق 300، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق 466، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق 53 ۋە سولچىل تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 29 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغان ۋە ئۆچمەنلىك مەزمۇنلىرى بار 29 ئىجتىمائىي تاراتقۇ تەكشۈرۈ لدى ۋە تەكشۈرۈشتە بايقالغان 176 كىشى قانۇنىي جەھەتتىن سۈرۈشتۈرۈلدى.
قانۇنسىز كۆچنى توسۇش دائىرىسىدە 7 مىڭ 276 كۆچمەن تۇتۇلدى.