چاۋۇشئوغلۇ: «ئىدلىب كېلىشىمى» ئاخىرقى پۇرسەتتۇر

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن «ئىدلىب كېلىشىمى» نىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاخىرقى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1057917
چاۋۇشئوغلۇ: «ئىدلىب كېلىشىمى» ئاخىرقى پۇرسەتتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 73 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئۈچۈن زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىلگىرى بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغىنى بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان بۇ ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىشتىن مەقسەتنىڭ، 17 – سېنتەبىر كۈنى رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن ئىمزالانغان «ئىدلىب كېلىشىمى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «<ئىدلىب كېلىشىمى> تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران بىردەك قوللاۋاتقان ۋە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان بىر كېلىشىمدۇر. دەرۋەقە، بۇ كېلىشىم سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاخىرقى پۇرسەتتۇر. شۇڭا بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىشىمىز، بۇ ئارقىلىق سىياسىي باسقۇچنى تېزلىتىشىمىز لازىم. ئىجابىي جەھەتتىن تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەم، سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى تەشكىل قىلىشتۇر. جۈملىدىن، بۇ ھەقتە تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماقتا. ئەمدى نۆۋەت سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا، بۇ ئارقىلىق دۆلەتتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشقا كەلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر