بىر ھەپتە ئىچىدە تېررورىستلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

يېقىنقى بىر ھەپتىدە پ ك ك تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش تۆت كاتتىبېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 62 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.

1045285
بىر ھەپتە ئىچىدە تېررورىستلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك|پ ي د-ي پ گ ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشنى قەتئىي داۋام قىلماقتا.

2018-يىلى 31-ئاۋغۇستتتىن 6-سېنتەبىرگىچە پ ك ك|ك ج ك نىڭ پاناھلىنىش جايى ۋە مەملىكەت ئىچىگە مەخپىي كىرىش ئېغىزى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقان شىرناك، سىئىرت، ھاككارى، دىيارباكىر، ماردىن بىلەن ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چوڭ-كىچىك كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەر ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، قىزىل تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۆت كاتتىبېشى، مەملىكەت ئىچىدە 22، سىرتىدا 40 بولۇپ، جەمئىي 62 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.

ھەربىي ھەرىكەتلەردە، نۇرغۇنلىغان قورال-ياراغ، ئوق-دورىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر