چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا بۇرغىلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ بۇ يىل كۈزدە شەرقىي ئاقدېڭىزدا بۇرغىلاش خىزمەتلىرىنى باشلاش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

1042577
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا بۇرغىلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇدرەت ئۆزەرساي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا كاربۇن ھىدرىد ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى قاچان باشلايدىغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا «بۇ رايوندا، شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ساھەسى بار. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ قىتئە ساھەسى ۋە دېڭىز تەۋەلىكى بار. بىز ھەر ئىككىسىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ تەلىپىگە ئاساسەن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ھەردائىم يولغا قويدۇق ۋە قويىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ رايوندا بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ بەزى بۇرغىلاش خىزمەتلىرىنى باشلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىنغانلىقىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئەمدى بىزمۇ سۇپا ئالدۇق ۋە بۇرغىلاشنى باشلىيالايمىز. بۇنىڭ تەييارلىقىنى ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىمىز ناھايىتى ياخشى قىلىۋاتىدۇ. خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق بۇ سۇپىلارنى سېتىۋېلىش جەھەتتە ئالاھىدە كۈچ چىقاردى ۋە كېرەكلىكلىك تەييارلىقلارنى قىلدى. كۈزدە بۇرغىلاش باشلىنىشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا بۇرغىلاش خىزمىتى ئېلىپ بارالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ شىركەتلىرى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ۋە كاپالەتچى دۆلەت گىرېتسىيە بىلەنمۇ بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بۈگۈن گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس كوسىئاس بىلەن ئىزمىردا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كوسىئاس بىلەن قىبرىس مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا غەيرىي رەسمىي شەكىلدە پات – پات كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئەتىكى (بۈگۈن) ئۇچرىشىشتىمۇ بۇ ھەقتە سۆزلىشىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئارالدا رىم تەرەپنىڭ ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىشقا يېقىنلاشمىغانلىقىغا ھەم قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھەقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ بىر تەرەپلىمە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «بۇنىڭ ئۇلارغا بىر پايدىسى يوق. مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرىدىغانلا بولسا، بىزمۇ ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويىمىز، قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇرغىلاش ئىشىنىمۇ باشلايمىز. بىزمۇ قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھەققىنى، ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى ئەلۋەتتە مۇھاپىزەت قىلىمىز، بىراق، شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ ھەقلىرى بار. بۇ ھەقلىرىمىزنىمۇ ئەلۋەتتە تەلەپ قىلىمىز ۋە كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۆزەرسايمۇ، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى كاربۇن ھىدرىد ئىزدەش خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، رايوندىكى تەبىئىي بايلىقلاردا قىبرىس رىم خەلقىنىڭ ھەققى بولغىنىدەك، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەردائىم يارىشىش ۋە ھەمكارلىق تەرەپدارى بولۇپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق مەسىلىلەردە تۈركىيە بىلەن تولۇق ھەمپىكىر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئۆزەرساي، «ھۆرمەتلىك چاۋۇشئوغلۇغا ۋاقتى ۋە مەزمۇنى ئىنتايىن ھالقىلىق بولغان بۇ تەكلىپنى قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر