تۈركىيە كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئىقتىسادتا ئېلىنغان تەدبىرلەر نەتىجىسىدە ئىككى كۈندىن بۇيان ياخشىلىنىش مۇساپىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېيتتى.

1034070
تۈركىيە كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك كابېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلقىدا توپلاندى. جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ ئىقتىسادتا ئېلىنغان تەدبىرلەر نەتىجىسىدە، ئىككى كۈندىن بۇيان ياخشىلىنىش مۇساپىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئىقتىساد ئۇرۇشىغا قارشى باشلىغان مىللىي سەپەرۋەرلىك چاقىرىقىغا، مۇسبەت جاۋاب بەرگەنلەرگە، چەت ئەللەردە مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلغانلارغا تەشەككۈر ئېيتىمىز» دېدى.

ئۇ قاتار بىلەن 15 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «جۇمھۇر رەئىسىمىز فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلە مۇھاكىمە قىلىندى. مېركېل بىلەن ماكرون ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سودىنى ۋە دوللارنى قورال قىلىپ پايدىلىنىشىنىڭ قانچىلىك خاتا ئىكەنلىكى ھەققىدە جۇمھۇر رەئىسىمىز بىلەن ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلدى» دېدى.

ئۇ تۈركىيە لىراسى ھەققىدە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان، سۈيئىستېمال قىلىشقا پايدىلىق مۇھىتنى پۈتۈنلەي يوقاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بانكىلارغا قەرز بېرىش مەسىلىسىدە خاتىرجەم قىلىدىغان مۇھىت شەكىللەندۈرۈلدى. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۇلى كۈچلۈك ھەم مۇستەھكەم. تۈركىيە مەبلەغ سېلىشقا قولايلىق دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممىگە ئىشىكىنى ئاچقان. جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئېيتقىنىغا ئوخشاش، تۈركىيە كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرىدۇ.»

ئۇ ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قىزىل تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئاتالمىش «رەھبەر» قاتلىمىدىكى بىر تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «تېررورلۇقنى ئۆزىنىڭ جايىدا يوقىتىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر. سىنجارغا ئوخشاش ھەربىي ھەرىكەتلەر بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېخىمۇ كۆپ ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر