كۇشاداسى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر قولۋاق دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن

ئايدىن ۋىلايىتى كۇشاداسى ناھىيەسىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان قولۋاقنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، تۆت كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1029334
كۇشاداسى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر قولۋاق دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇشاداسى دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان قولۋاقنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغان ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش خادىملىرى دەرھال رايونغا قاراپ ھەرىكەت قىلدى. رايونغا خادىملار بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىمۇ ئەۋەتىلدى.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قانۇنسىز يوللار بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان 13 كىشى ئولتۇرغان قولۋاقنىڭ دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، تۆت كىشى يارىلانغان.

ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ رايوندا قۇتقۇزۇش-ئىزدەش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر