34 مىڭ سۈرىيەلىك ياشاۋاتقان پاناھلىنىش مەركەزلىرى تاقىلىدۇ
غازىئانتەپ، ئادىيامان ۋە ماردىندا 34 مىڭ سۈرىيەلىك پاناھلىنىۋاتقان پاناھلىنىش مەركىزلىرى تاقىلىدۇ.
1024814
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلام ھارپىسىدا قىلغان: «سۈرىيەلىك مېھمانلىرىمىزنى ئۆز زېمىنىدا بىخەتەر ساھەلەردىكى ئۆي – ماكانلىرىغا قايتۇرۇش پىلانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرىگە ئاساسەن تۇنجى قەدەم تاشلاندى.
غازىئانتەپ، ئادىيامان ۋە ماردىندا سۈرىيەلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان 5 ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركىزلىرى تاقىلىدۇ، بۇ مەركەزلەردىكى 34 مىڭ 180 مۇساپىر چېگرا رايونلىرىدىكى يېڭى مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.