تۈركىيە دوستۇمغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا پىرېزىدېنت بىرىنچى ياردەمچىسى ئابدۇررەشىت دوستۇمنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، 14 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بومبىلىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

1017638
تۈركىيە دوستۇمغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ھاسىل قىلغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تۇرۇۋاتقان دۆلىتىمىزدىن تۈنۈگۈن (22- ئىيۇل) ئافغانىستانغا قايتقان پىرېزىدېنت بىرىنچى ياردەمچىسى ئابدۇررەشىت دوستۇم كابۇل ھامىد كارزائى خەلقئارا ئايرورۇدۇمىدىن چىقىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھۇجۇمدا ئابدۇررەشىت دوستۇم ۋە ھەمراھلىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلمەيمىز، ئافغان خەلقى ۋە دۆلىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.

خېلىدىن بۇيان تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئافغانىستان پىرېزىدېنت بىرىنچى ياردەمچىسى راشىت دوستۇم تۈنۈگۈن كابۇلغا قايتقانىدى. بىراق، ئايروپىلان قونۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايرودۇرۇمغا يېقىن جايدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 14 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 60 ئادەم يارىلانغان؛ دوستۇم ھېچقانداق تالاپەتكە ئۇچرىمىغان ھۇجۇممنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەدىن دۆلىتىگە بېرىپلا قوللىغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن دوستۇم، كابۇلدىكى پىرېزىدېنت بىرىنچى ياردەمچىسى ئىشخانسىىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەدە تۇرغان جەرياندا ئۆزىگە ھەمدەم بولغان تۈركىيە خەلقى ۋە دۆلىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن دوستۇم، ھېچكىم بىلەن ھېچقانداق مەسىلىسى يوقلۇقىنى، ئافغانىستانغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ھەرقانداق پىداكارلىقنى نامايان قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دوستۇم، بىر قانچە كۈندىن بۇيان قوماندان نىزامۇددىن قەيسەرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى ئۇدا نامايىش قىلىۋاتقانلارغا خىتاب قىلىپ، «نامايىشىڭلارنى توختىتىڭلار، قەيسەرىنىمۇ قويۇپ بەرگۈزىمەن، بۇ ھەقتە پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشىمەن» دېدى.

ئابدۇررەشىت دوستۇم، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر