دىيارباكىردا بىر خەۋپسىزلىك خادىمى شېھىت بولدى
دىيارباكىرنىڭ سىلۋان ناھىيەسىدە خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن تېررورىستلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر خەۋپسىزلىك قوغدىغۇچىسى شېھىت بولدى.
1011959
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىر ۋالىي مەھكىمىسى سىلۋان ناھىيەسىدە تېررورسىتلار بىلەن چىققان توقۇنۇش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، سىلۋان سۇ ئامبىرى رايونىنىڭ جەنۇبىدا، تۈنۈگۈن (12-ئىيۇل) كەچ سائەتلەردە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورىستلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىققان. توقۇنۇش مەيدانىدا، ئىككى خەۋپسىزلىك خادىمى يارىلانغان. دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان يارىداردىن بىرى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغان.
رايوندا ھەربىي ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.