چەشمە ناھىيەسى ساھىللىرىدا قاپسېلىپ قالغان كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان ۋە ئىزمىرنىڭ چەشمە ساھىلىدىكى ئارالدا قاپسېلىپ قالغان 34 چەت ئەللىك كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1012096
چەشمە ناھىيەسى ساھىللىرىدا قاپسېلىپ قالغان كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش خادىملىرى ئەگە دېڭىزىنىڭ چەشمە ناھىيە ساھىللىرىدىكى بوغۇز ئارىلىدا قاپسېلىپ قالغان چەت ئەللىك كۆچمەنلەرنى قۇتقۇزۇۋالدى.

ئىگىلەنگەن مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىكى قوماندانلىق ئىشتابى خادىملىرى چەشمە ساھىل بويىغا جايلاشقان بوغۇز ئارىلىدا چەت ئەللىك كۆچمەنلەرنىڭ قاپسېلىپ قالغانلىقى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، دەرھال قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان. رايونغا كۆچمەنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىككى تىك ئۇچار ۋە زاپاس خادىملارمۇ ئەۋەتىلگەن بولۇپ، كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسى بىخەتەر ھالدا قۇتقۇزۇلغان.

بۈگۈن (13-ئىيۇل) ئەتىگەن ئوخشاش رايوندا يەل قولۋاق بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 57 كۆچمەن تۇتۇلغان.

كۆچمەنلەرنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىزمىر ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر