«ساياھەت يىلى ۋاستىسى بىلەن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ»

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىر نۇمان كۇرتۇلمۇش 2018 تۈركىيە ساياھەت يىلى ۋاستىسى بىلەن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

953788
«ساياھەت يىلى ۋاستىسى بىلەن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىر نۇمان كۇرتۇلمۇش خىتايدىن تۈركىيەگە بۇ يىل 500 مىڭ ساياھەتچى كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان نۇمان كۇرتۇلمۇش «2018 تۈركىيە ساياھەت يىلى»مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشتى.

كۇرتۇلمۇش پائالىيەتتە خىتايدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان ساياھەتچى سانىدا بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە كۆپىيىش بولغانلىقىنى، بۇ يىل خىتايدىن 500 مىڭ ساياھەتچى كېلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

نۇمان كۇرتۇلمۇش تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ساياھەت يىلى ۋاستىسى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ساياھەتچىلەرنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلدى.

كۇرتۇلمۇش قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن «يىپەك يولى»لايىھەسىنىڭ 2000 يىلدىن بۇيان ئىككى مەدەنىيەتنى بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.  

خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى لو شۇگاڭمۇ قاتناشقان پائالىيەتتە، مىللىچە كىيىم كەيگەن سەنئەتچىلەر تەرىپىدىن سەنئەت نومۇرلىرى قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر