ئافرىن ۋە ئاغرىدىن قايغۇلۇق خەۋەر... ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، بىر ئەسكەر يارىلاندى.

928236
ئافرىن ۋە ئاغرىدىن قايغۇلۇق خەۋەر... ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە 2018 – يىلى 12 – مارتتا جىندەرەس رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان چارلاش خىزمىتى ئەسناسىدا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بىر پارتلاتقۇچ پارتلاپ، بىر قەھرىمان سەپدېشىمىز شېھىت بولدى، بىر قەھرىمان سەپدېشىمىز يارىلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاغرىنىڭ دوغۇبەيازىت ناھىيەسىگە قاراشلىق ئاغرى تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان گۈنگۆرەن يېزىسى ئەتراپىدا تېررورچىلار بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 1 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ئەسكەر ئېغىر يارىلاندى؛ يارىلانغان ئەسكەر رايونغا يېتىپ كەلگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن دوغۇبەيازىت دوتسېنت دوكتور ياشار ئەريىلماز دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىنغان بولسىمۇ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر