دىيارباكىردا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى
تۈركىيەنىڭ دىيارباكىر ۋىلايىتىدە تېررورچىلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلاپ كېتىشى نەتىجىسىدە 2 ئەسكەر شېھىت بولدى.
928961
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىياباكىرنىڭ دىجلە ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلاپ كېتىشى نەتىجىسىدە 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، 5 ئەسكەر يارىلاندى.
دىيارباكىر ۋالىي مەھكىمىسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئېلىپ بېرىلىۋتقان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا تېرروررچىلار تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، پارتلاشتا 2 ئەسكەر نەق مەيداندا شېھىت بولغان، 5 ئەسكەر يارىلانغان.
يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.