مەرسىندە 38 چەت ئەللىك تۇتۇلدى

مەرسىندە ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرى 38 چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەننى ئاقدېڭىزدا تۇتقان.

916450
مەرسىندە 38 چەت ئەللىك تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەرسىن ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ساھىل بىخەتەرلىكى ئاقدېڭىز رايونلۇق قوماندانلىق مەركىزى خادىملىرىنىڭ سىلىفكە ناھىيەسى كىزكالەسى (قىز قەلئەسى) دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر قولۋاقتىن بەش كىچىك بالا، توققۇز ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 38 چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەننى تۇتقان.

تۇتۇلغان چەت ئەللىك كۆچمەنلەر توغرىسىدا قانۇنىي رەسمىيەتلەر باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر