تۈركىيە، چەت ئەلگە ئېلىپ قېچىلغان تارىخىي يادىكارلىقلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) مەدەنىي بايلىقلارنى تەكشۈرۈش كومىتېتى، تۈركىيەدىن ئېلىپ قېچىلغان تارىخىي ئەسەرلەرنى قايتۇرۇش مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى ھەپتە فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

907217
تۈركىيە، چەت ئەلگە ئېلىپ قېچىلغان تارىخىي يادىكارلىقلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) مەدەنىي بايلىقلارنى تەكشۈرۈش كومىتېتى باشلىقى مۇستاپا ئىسەن، چەت ئەلگە ئېلىپ قېچىلغان ناھايىتى كۆپ بىباھا ئەسەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ھالدا، «بىز كۆرۈشكەن ئەمەلدارلار خېجىللىقتىن بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەستىن سۆز قىلىشىدۇ» دېدى.

ئۇ، 16 – نويابىردا خىزمەتلەرنى باشلىغان كومىتېتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، چەت ئەل زىيارەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى ۋە ئۆتكەن ھەپتە بۇ دائىرىدە گېرمانىيە بىلەن دانىيەگە بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) مەدەنىي بايلىقلارنى تەكشۈرۈش كومىتېتى، خىزمەتلىرىنى مارت ئېيىدا ئاخىرلاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر