تۈركىيە نوپۇسىغا دائىر ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، تۈركىيەنىڭ 2017 - يىللىق نوپۇس ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى.

901470
تۈركىيە نوپۇسىغا دائىر ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نوپۇسى 2017 – يىلى 2016 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 995 مىڭ 654 كىشى كۆپىيىپ، 80 مىليون 818 مىڭ 525 كە يەتتى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، «ئادرېسنى ئاساس قىلغان نوپۇس تىزىملاش سىستېمىسى» نىڭ 2017 – يىللىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلىپ، 2016 – يىلى 79 مىليون 814 مىڭ 871 بولغان دۆلەت نوپۇسىنىڭ 995 مىڭ 654 ئادەم ئېشىپ، 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا 80 مىليون 810 مىڭ 525 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەر نوپۇس نىسبىتى %50.2 (40 مىليون 535 مىڭ 135 كىشى)، ئايال نوپۇس نىسبىتى بولسا، %49.8 (40 مىليون 275 مىڭ 290 كىشى) چىقتى.

نوپۇسنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى 2016 – يىلى  %0.135 بولغان بولسا، 2017 – يىلى %0.124 گە چۈشۈپ قالدى.

ۋىلايەت ۋە ناھىيە مەركەزلىرىدە ئولتۇرىغانلار نىسبىتى 2016 – يىلىدىكى %92.3 دىن 2017 – يىلىدىكى %92.5 گە ئۆرلىدى. يېزا – بازارلاردا ياشايدىغانلار نىسبىتى بولسا، %7.5 بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر