ئامېرىكىنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدىكى باياناتلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئاشكارىلاندى

ئەردوغان بىلەن ترامپ ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتنىڭ تەپسىلاتىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

896702
ئامېرىكىنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدىكى باياناتلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئاشكارىلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توغرا مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ترامپنىڭ ئافرىن ھەرىكىتى ھەققىدە «يۈز بەرگەن جىددىيچىلىكتىن قايغۇرغانلىقى»غا دائىر ھېچ قانداق سۆز ئىشلەتمىگەنلىكى، بەلكى ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / ي پ گ غا قورال ياردەم قىلماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنكى، ترامپنىڭمۇ ئەمدىلىكتە قورال بەرمىگەنلىكى ۋە كەلگۈسىدىمۇ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

تېلېفون سۆھبىتىدە تۈركىيەدىكى جىددىي ھالەت قانۇنى ئۈستىدە ھېچ قانداق سۆز بولمىغانلىقى ھەمدە ترامپنىڭ «تۈركىيەدىن كېلىۋاتقان ھالاكەتلىك ۋە خاتا سۆزلەر» دېگەن گەپنىمۇ قەتئىي ئىشلەتمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر