نۇمان قۇرتۇلمۇش ئافرىن ھەرىكىتى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئافرىن ھەرىكىتى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى.

897174
نۇمان قۇرتۇلمۇش ئافرىن ھەرىكىتى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىستانبۇل يەرمەنكە ۋە قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 22 – نۆۋەتلىك شەرقىي ئاق دېڭىز خەلقئارا ساياھەت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، ئاخباراتچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىنى تېررورچىلاردىن تازىلاش مەقسىتىدە باشلانغان زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيەدە پۈتۈن خەلقنى بىر يەرگە جەم قىلغان دۆلەت خاراكتېرلىك بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.  

رايوندا ئېمپىرىيالىست كۈچلەرنىڭ ئويناۋاتقان ئويۇنلىرى تەرەپكە دىققەتنى تارتىپ، تۈركىيەنىڭ بۇ رايوندىكى ئېمپىرىيالىستلارنىڭ ئويۇنلىرىنى بۇزالايدىغان كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش: «ھېچ كىشى ئەنسىرەپ كەتمىسۇن، بۇ رايوندا ياشايدىغان كوردلار، تۈركلەر، ئەرەبلەر ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن تەشكىل تاپقان قېىنداشلىرىمىزنى بىر - بىرىدىن ئايرىشقا ھېچ بىرسىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. بۆلۇپ - پارچىلاش سىياسىتى يولغا قويۇۋاتقان ئېمپىرىيالىستلار بۇ سىياسەتلىرىنى بۇندىن كېيىن ئىشقا سالالمايدىغان بولىدۇ» دېدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش بۇ ھەرىكەتنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا سەلىبىي تەسىرى بولمايدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ، گېرمانىيەدە بۇ يىل تۈركىيە ساياھىىتىنى ئالدىن زاكاس قىلغۇچىلار نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى %70 ئەتراپىدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر