ئەردوغان: مېيىپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرى بىزنى ئىپتىخارلاندۇرماقتا

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ: «مېيىپ پۇقرالىرىمىزنىڭ تېخىمۇ باياشات تۇرمۇش كەچۈرەلىشى، ئىجادكار، ئاكتىپ ئەزالىرىمىزغا ئايلىنىپ، جەمئىيەتتىن ئورۇن ئالالىشى ئۈچۈن 15 يىلدىن بۇيان بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىزنى سەپەرۋەر قىلماقتىمىز» دېدى.

860316
ئەردوغان: مېيىپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرى بىزنى ئىپتىخارلاندۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 3 - دېكابىر مېيىپلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

ئەردوغان مېيىپلارنىڭ تەنتەربىيە، ئەدەبىيات، سەنئەت، سىياسەت، مائارىپ ۋە سودا ساھەسىدە نامايان قىلغان ئۇتۇقلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ: «بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇنچە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى بىزنى ئىپتىخارلاندۇرماقتا. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئاسانلىق يارىتىش، تاشلىغان ھەر بىر قەدىمىدە قوللاشتا بولۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر» دېدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، جەمئىيەتتە غۇرۇرلۇق ھالدا ئاكتىپ ۋە باراۋەر رول ئېلىش مەيلى مېيىپ ياكى بولمىسۇن، ھەممەيلەننىڭ تەبىئىي ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «مېيىپ ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ باياشات تۇرمۇش كەچۈرەلىشى، ئىجادكار، ئاكتىپ ئەزالىرىمىزغا ئايلىنىپ، جەمئىيەتتىن ئورۇن ئالالىشى ئۈچۈن 15 يىلدىن بۇيان بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىزنى سەپەرۋەر قىلماقتىمىز. مېيىپ پۇقرالىرىمىزنىڭ تۇرمۇشتىن خۇشاللىنىپ، ھاياتقا تېخىمۇ ئۈمىد بىلەن قەدەم تاشلىشى ۋە  نۇرغۇنلىغان مۆجىزە خاراكتېرلىك ئۇتۇقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشى بىزنى ئىنتايىن شادلاندۇرماقتا» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم مېيىپلارغا ئىقتىدارلىرى، قابىلىيەتلىرى ۋە تەجرىبىلىرى جەھەتتە يول كۆرسىتىش ۋە تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئۆزىنى نامايان قىلالىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پۈتۈن خەلقنىڭمۇ باياشادلىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، توسالغۇسىز بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەممەيلەننى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى چاقىرىق قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر