بوزداغ: سەرراف دېلوسى تۈركىيەگە قارشى قۇرۇلغان تۇزاق

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ غا ئامېرىكا تەرىپىدىن بېرىلگەن قوراللارنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

856046
بوزداغ: سەرراف دېلوسى تۈركىيەگە قارشى قۇرۇلغان تۇزاق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەكىر بوزداغ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ جۈمە (24-نويابىر) كۈنىدىكى تېلېفون سۆھبىتىگە «بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەپ باھا بەردى. ئۇ تۈركىيەنىڭ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا بۇنىڭدىن كۆپ قورال بەرمەسلىك توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ترامپنىڭ قورال بەرمەيمىز، دېگەن سۆزى ئىنتايىن مۇھىم، بىراق بۇ گەپ ئېغىزدا قالسا ئەھمىيىتى بولمايدۇ، ئامېرىكا بەرگەن قوراللارنى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك، دېگەن سۆزنى كۆزىتىپ تۇرىمىز.»

ئۇ ئامېرىكانى ئالداش، ئىرانغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلىش، پۇل يۇيۇش، پۇل يۇيۇش ئۈچۈن تۇزاق قۇرۇش ۋە ئامېرىكا بانكىلىرىنى ئالداش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، 75 يىل قاماق جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىنغان ئەسلى ئىرانلىق تۈركىيە پۇقراسى رىزا سەرراف دېلوسى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ: «رىزا سەرراف دېلوسى تۈركىيەگە قارشى قۇرۇلغان تۇزاقتۇر، سەرراف ئارقىلىق تۈركىيەگە تۇزاق قۇرۇلۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكادا سەررافنى سوتلىغانلارغا قارىتىپ، مۇنداق دېدى:

«سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا رىزا سەررافنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان توغرا ئىسپاتلار بارمۇ، يوق؟ بولسا سىلەرگە ئۇ ئىسپاتلارنى كىم بەردى؟ قانۇنى ئاساسى بولمىغان بۇ دېلو توختىتىلىشى ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«رىزا سەرراف ئامېرىكاغا كەتتىمۇ ياكى ئاپىرىلدىمۇ؟ بۇمۇ ئېنىق ئەمەس، <ئەگەر بىزنىڭ يازغىنىمىزغا ئىمزا قويساڭ، تۈرمىدىن دەرھال چىقىسەن> دەۋاتىدۇ، ئەگەر قوبۇل ئەتمىسە 35 يىل، 40 يىل ۋە 150 يىللىق ئوخشىمىغان قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىنىۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر