ئەدىرنەدە گۇمانلىق ئۇنسۇرلار قولغا چۈشتى
ئەدىرنەدە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنى قولغا چۈشۈردى.
840334
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 54 – ماشىنىلاشقان پىيادە ئەسكەرلەر قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئەدىرنەنىڭ مەرىچ ناھىيەسى ئەتراپىدىكى گىرېتسىيە چېگرا رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا قانۇنسىز يوللار بىلەن چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشكە ئورۇنغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق تېررورىستلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 گۇمانلىق ئۇنسۇرنى قولغا چۈشۈرگەن.
1 – دەرىجىلىك چەكلەنگەن رايوندا قولغا چۈشكەن 5 گۇمانلىق ئۇنسۇر قولغا ئېلىنغان.