تۈركىيەنىڭ مەرسىن ۋىلايتىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيەنىڭ مەرسىن ۋىلايتىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ساقچى يارىلاندى.

829274
تۈركىيەنىڭ مەرسىن ۋىلايتىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە، مەرسىن ۋىلايىتىدە ساقچى مۇلازىمەت ئاپتوموبىلى ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا يول چېتىدىكى ئېلېكترونلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان تىزگىنەك ئارقىلىق پارتلىتىلغانلىقىنى، پارتلاشتا 17 سى ساقچى، بىرى تېخنىك خادىم بولۇپ، 18 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكىنى، تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن رايونغا كۆپ ساندا قۇتقۇزۇش ماشىنىسى، ئوت ئۆچۈرۈش  ۋە ساقچى ئەترەتلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، 3 تەپتىش ئەمەلدارى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر