ئاغرىدا تېررورىستلار ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئاغرىدا ئالاھىدە قىسىمنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە 29 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.

739855
ئاغرىدا تېررورىستلار ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورىستلار ۋاننىڭ تەندۈرەك رايونىدا يول توسۇپ، ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئالاھىدە قىسىم ئىز قوغلاش نەتىجىسىدە 29 تېررورىستنى ئۇجۇقتۇردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالاھىدە قىسىم بىلەن تېررورىستلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 ئەسكەر بىلەن بىر مۇھاپىزەتچى شېھىت بولغان، 4 ئەسكەر يارىلانغانىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئالاھىدە قىسىم ھاققارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسى قوچتەپە رايونىدىمۇ  تېررورىستلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، ھەرىكەت جەريانىدا 1 ئەسكەر شېھىت بولدى، 2 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان 6 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئاغرى، ھاققارى ۋە شىمالىي ئىراقتا 37 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلغان بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تەندۈرەك شېھىتلىرىمىزنىڭ قېنى يەردە قالمىدى، بۈگۈن ۋە بۈگۈن كېچە ئالاھىدە قىسىملىرىمىز تېررورىستلارغا ئەڭ ئېغىر جازا بەردى، شېھىتلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر