ئەرەب كارخانىچىلار مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغان دۆلەت تۈركىيە

مەبلەغ سالغۇچىىسى قاتارلىق بولغان تۈرك شىركىتى QT  گۇرۇھى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ۋە باش دىرېكتورى ئابدۇللەتىف ئەلمىر «2017 – يىللىق ئىستانبۇل مۇنبىرى» يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

726586
ئەرەب كارخانىچىلار مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغان دۆلەت تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ھەمدە بۇ يىل تۈركىيەگە 20 – 30 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئەلمىر، كەلگۈسىدە بۇ رەقەمنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەرەب كارخانىچىلارنى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلىۋاتقانلىرىنى قەيت قىلغان ئەلمىر،  شەخسلەر ياكى شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلغان چاغدا، پەقەت بىر دۆلەتكە مەبلەغ سېلىشنىلا كۆزدە تۇتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەرەب ۋە پارىس قولتۇقىدىكى كارخانىچىلار تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى تۈركىيە ناھايتى ئىشەنچلىك دۆلەت، تۈركىيەمۇ بۇنىڭدىن ناھايتى كۆپ ئۈلۈشكە ئېرىشىدۇ.»

ئۇ يەنە، مەبلەغ سېلىش قارارلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر