«ئەرمەنى جامائىتىنىڭ ھۇزۇرى، بىخەتەرلىكى ۋە بەخت – سائادىتى ناھايتى مۇھىم»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمەنى جامائىتىنىڭ ھۇزۇرى، بىخەتەرلىكى ۋە بەخت – سائادىتىنىڭ ناھايتى مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

719428
«ئەرمەنى جامائىتىنىڭ ھۇزۇرى، بىخەتەرلىكى ۋە بەخت – سائادىتى ناھايتى مۇھىم»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى ئەرمەنى چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي مۇراسىمىغا تېلېگرامما يوللىدى.

جۇمھۇر رەئىس تېلېگراممىىسىدا مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزدىكى ئەرمەنى جامائىتىنىڭ ھۇزۇرى، بىخەتەرلىكى ۋە بەخت – سائادىتى ناھايتى مۇھىم. ھېچبىر ئەرمەنى پۇقرايىمىزنىڭ چەتكە قېقىلىشىغا، ئۆزىنى ئىككىنچى سىنىپ پۇقراسىدەك ھېس قىلىشىغا سەۋر – تاقىتىمىز يوقتۇر.»

خەلقلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ ئورتاق نىشان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قانچە ئەسىردىن بۇيان خۇشاللىقتىمۇ، غەم – قايغۇدىمۇ بىللە ياشاپ كېلىۋاتقان ئىككى خەلقنىڭ ئۆتمۈشتىن قالغان يارىلىرىنى تېڭىشى ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق نىشانىدۇر. بۇ دائىرىدە يېقىنقى 14 يىلدىن بۇيان ناھايتى كۆپ قەدەملەرنى تاشلىدۇق، تارىخىي خاراكتېرلىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردۇق، ئوسمانلى ئەرمەنىلىرىنىڭ خاتىرىسى ۋە ئەرمەنى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ساھىب چىقىش يولىدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنى ئالدىمىزدىكى مەزگىلدىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر