تۈركىيە كەلكۈننىڭ ئېغىر زىيانىغا ئۇچرىغان كولۇمبىيەگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە كەلكۈن سەۋەبىدىن 200دەك پۇقراسىدىن ئايرىلىپ قالغان كولۇمبىيەگە ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

704013
تۈركىيە كەلكۈننىڭ ئېغىر زىيانىغا ئۇچرىغان كولۇمبىيەگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان كولۇمبىيەگە ياردەم قولىنى ئۇزارتىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كولۇمبىيەنىڭ پۇتۇمايو رايونىغا قاراشلىق موكاۋ شەھىرىدە مەيدانغا كېلىپ 200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان كەلكۈن ئاپىتىدىن خەۋەر تېپىپ تولىمۇ قايغۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كولۇمبىيە خەلقىگە يېقىندىن ياردەم قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە قىيىن ئەھۋالدا قالغان كولۇمبىيەنى ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ، كولۇمبىيە ياردەم تەلەپ قىلغان تەقدىردە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈلىدۇ، ئاپەتتە قازا قىلغۇچىلارنىڭ قايغۇ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە بارلىق كولۇمبىيە خەلقىگە سەممىيلىك بىلەن تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە يارىلانغانلارغا شىپا تىلەيمىز.»

كولۇمبىيەنىڭ جەنۇبىدىكى پۇتمايو رايونىنىڭ پايتەختى موكاۋدا تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ئەڭ ئاز 200 كىشى قازا قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر