«چاناققەلئە زەپىرى تارىخقا سىغمايدىغان مىسلىسىز داستان»

باش مىنىستىر يىلدىرىم چاناققەلئە زەپىرىنىڭ تارىخقا سىغمىغۇدەك دەرىجىدە ناھايتى چوڭ ۋە مىسلىسىز داستان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

694196
«چاناققەلئە زەپىرى تارىخقا سىغمايدىغان مىسلىسىز داستان»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم 18 – مارت شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش ۋە چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 102 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ زەپەر نۇرغۇنلىرىغان مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا ئىلھام مەنبەسى بولدى. 1915 – يىل 18 – مارت كۈنىدىكى زەپەر، ياۋروپانىڭ ئىلغار تېخنىكىسى، سانائىتى، ئىستىراتېگىيەسى ۋە ھاكاۋورلۇقىغا قارشى تۈركلەرنىڭ ئىمانى، سەمىمىيىتى، مۇستەقىللىققا بولغان ئىشقى – مۇھەببىتى ۋە كەمتەرلىكى بىلەن قازانغان ئالەمشۇمۇل بىر زەپەردۇر. بىز مۇستەقىللىقىنى قوغداش، دۆلىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھۇزۇر ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ھېچنېمىدىن ئايانمايدىغان ۋە ۋەتىنىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان پىداكار مىللەتمىز.»

ئۇ يەنە، بارلىق شېھىتلەر ۋە غازىلارنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر