باش ئىشتاب باشلىقى ئاقار سۈرىيە چېگراسىدا...

باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەربىي قوماندانلار سۈرىيە چېگراسىدىكى قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى.

679524
باش ئىشتاب باشلىقى ئاقار سۈرىيە چېگراسىدا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەربىي قوماندانلار غازىئانتەپ ۋە كىلىستىكى قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن سۇرىيە چېگراسىغا يېتىپ باردى.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ راققەدىن قالسا، ئىككىنچى بازىسى ھېسابلىنىدىغان ئەلبابنىڭ كونتروللۇقى تۈنۈگۈن ئاساسىي جەھەتتىن قولغا كىرگۈزۈلگەنىدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلار بىلەن بىرلىكتە غازىئانتەپ ۋە كىلىسقا باردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار رايوندىكى ھەربىيلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى شۇنداقلا ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا رايوندىن قوماندانلاردىن مەلۇمات ئىگىلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر