ئەردوغان ئۆمرە قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بارغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆمرە قىلدى.

673417
ئەردوغان ئۆمرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان مەدىنىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى جايلاشقان پەيغەمبەر مەسجىدىنى زىيارەت قىلدى، ئاندىن ئايروپىلان بىلەن جىددە شەھىرىگە يېتىپ باردى ، ئارقىدىن ئۆمرە ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ئارقىلىق مەككىگە بېرىپ، يېرىم كېچىدە كەبىنى زىيارەت قىلدى.

ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت كەبىنى تاۋاپ قىلغاندىن كېيىن مەرۋە بىلەن سەفا ئارىلىقىدا سەئيى قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي  بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باشلىقى ھاقان فىدان قاتارلىقلارمۇ ئۆمرە قىلدى.

ئۆمرە زىيارىتىنى تاماملىغان ئەردوغان كېيىنچە سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتى مېھمانسارىيىغا چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر