ئەردوغان ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارتىسنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارتىس لىندزى لوھان بىلەن ئاممىۋى تاراتقۇلارنى زىلزىلىگە سالغان 7 ياشلىق ئابېدىنى قوبۇل قىلدى.

660826
ئەردوغان ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارتىسنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 7 ياشلىق بانا ئەلئابېدى ئانىسى بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ھەلەب رايونىدىكى قەتلىئامنى تونۇشتۇرۇپ، پۈتكۈل جاھاننى تەۋرىتىۋەتكەنىدى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، لوھان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانغا، «دۇنيا بەشتىنمۇ چوڭ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىزناك تاقىدى.

دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر قىلالمىغان ئىشلارنى تۈركىيەنىڭ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن داڭلىق ئارتىس، ئىلگىرى ئىستانبۇلنىڭ سۇلتانبەيلى رايونىدا ياشاۋاتقان سۈرىيەلىك بىر ئائىلىنى زىيارەت قىلغاندا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى باغرىغا بېسىش ئارقىلىق ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى.

پۈتكۈل دۇنيا سۈكۈت قىلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ناھايتى ياخشى شەكىلدە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان لوھان، مۇنداق دېدى: «شۇڭا مەن ئىلگىرىمۇ <دۇنيا بەشتىنمۇ چوڭ> باياناتىنى ھەمىشە تەكىتلىگەنىدىم. دەرۋەقە، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىرىغان دۆلەتلەر قىلالمىغان ئىشلارنى تۈركىيە قىلدى. 5 چوڭ دۆلەت ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەدىسىدە تۇرمىدى. تۈركىيە ھەققىدە تارقىتىلىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتلار سەۋەبىدىن بەزىلەر تۈركىيەگە كېلىشتىن قورقۇۋاتىدۇ، ئەمما مەن تۈركىيەگە كەلگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ۋە ھۇزۇرلۇق ھېس قىلىۋاتىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر