غازىئانتەپتە ساقچىلار بىلەن تېررورچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

غازىئانتەپ ساقچى ئىدارىسى بىناسىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان تېررورچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

648401
غازىئانتەپتە ساقچىلار بىلەن تېررورچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غازىئانتەپ ساقچى ئىدارىسى بىناسىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان تېررورچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىر ساقچى يېنىك يارىلاندى؛ بەدىنىگە بومبا تېڭىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تېررورچىلاردىن بىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋپسىزلىك خادىملىرى ۋە سەھىيە خىزمەتلىرى ئەۋەتىلدى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، قېچىپ كەتكەن تېررورچى ياكى تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر