يېڭى يىل كېچىسىدىكى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كىملىكلىرى ئېنىقلاندى

ئىستانبۇل ئورتاكۆيدە بىر كېچىلىك كۇلۇبتا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 39 ئادەمدىن 38 ىنىڭ كىملىكلىرى ئېنىقلاندى.

642080
يېڭى يىل كېچىسىدىكى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كىملىكلىرى ئېنىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەدلىيە تىببىي تەكشۈرۈش ئىدارىسىدە بىرى ئىراق، 11 نەپىرى تۈرك، بىر نەپىرى بولسا ھەم بېلگىيە ھەم تۈركىيە پۇقراسى بولغان 13 ئادەمنىڭ جەسىتى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، ئائىلىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بۈگۈن كىملىكى ئېنىقلانغان 25 چەت ئەللىكنىڭ جەسىتى تۈركىيەگە كەلگەن ئائىلىلىرىگە (2-يانۋار) تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

ھاياتىدىن ئايرىلغان چەت ئەللىكلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، لىۋان، تۇنىس، ھىندىستان، ماراكەش، ئىيوردانىيە، ئىراق، كۈۋەيت، كانادا، ئىسىرائىلىيە، سۈرىيە ۋە رۇسىيە پۇقرالىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ھاياتىدىن ئايرىلغان بىر كىشىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر