غازىئانتەپتە داۋالىنىۋاتقان بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

24-ئاۋغۇست سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش مەقسىتىدە باشلانغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىدە يارىلانغان بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

638243
غازىئانتەپتە داۋالىنىۋاتقان بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2016-يىلى 19-دېكابىر ئەلبابنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغان بىر تۈركىيە ئەسكىرى، غازىئانتەپتىكى دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى. فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى 125-كۈنىگە قەدەم قويدى.

تۈركىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 113 تېررورلۇق نۇقتىسى توپ بىلەن بومباردىمان قىلىنىپ، بىتچىت قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، تېررورىستلارنىڭ پاناھلىنىش جايلىرى، مۇداپىئە ئىستېھكاملىرى، قوماندانلىق قىلىش مەركەزلىرى ۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىمۇ ۋەيران قىلىندى. دائېشنىڭ بىر دانە ئايروپىلان ئاتار نۇقتىسى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەلبابتىن پۇقرالارنىڭ قېچىشىنى توسۇش ئۈچۈن سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا بىلەن ھۇجۇم پەيدا قىلىپ، 30 پۇقرانى جېنىدىن جۇدا قىلدى ۋە نۇرغۇن پۇقرانى يارىلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر