ياۋروئاسىيا تۇنېلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا قىتئەسىنى تۇنجى قېتىم تۇنېل ئارقىلىق قۇرۇقلۇقتىن  بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ياۋروئاسىيا تۇنېلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

634437
ياۋروئاسىيا تۇنېلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى قىتئە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتۈش ۋاقتى دېڭىز ئاستىدىن 5 مىنۇتقا قىسقىرايدۇ. لايىھە پىلاندىكىدىن 8 ئاي بۇرۇن تاماملاندى. ياۋروئاسىيا تۇنېلى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇرلۇقتىن ئۆتقىدىغان قۇرۇقلۇق تۇنېلى بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇنلىرىغان مۇكاپاتلارنىڭ ساھىبى.

ئىلغار لايىھە، تېخنولوگىيە ۋە ئىنژېنېرلىقنىڭ مەھسۇلى بولغان 14.6 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۇنېل، يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى خەۋپلىرىنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان شەكىلدە ياسالدى.

تۇنېلنىڭ ئىچىگە ياتقۇزۇلغان ئاسفالت ئاۋازنى ئازايتىش، توڭلىماسلىق ۋە ئېرىمەسلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر