ئىستانبۇل بەشىكتاشتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا بولغان نارازىلىقلار كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە

مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىستانبۇل بەشىكتاشتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

629132
ئىستانبۇل بەشىكتاشتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا بولغان نارازىلىقلار كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە
istanbul saldırı yürüyüş2.jpg
istanbul saldırı yürüyüş1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا شەنبە كۈنى كەچتە مەيدانغا كېلىپ 44 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ھۇجۇمغا نارازىلىقلار كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە.

مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە تېررورىزىمغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تېررورىزىمغا قارشى لەنەت ئوقۇلدى.

ئىستانبۇلدا خەلق ھۇجۇم يۈز بەرگەن رايوننى زىيارەت قىلىپ، تېررورىزىمغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىتتىپاقلىق، باراۋەرلىكنى مەزمۇن قىلىدىغان شوئارلارنى توۋلاشتى.

ھەر قايسى پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ  پۇتبول مەستانىلىرىمۇ ھۇجۇم يۈز بەرگەن ۋودافون تەنتەربىيە مەيدانىغا قاراپ ماڭدى.

بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشكەن مىڭلارچە پۇتبول مەستانىلىرى ھۇجۇم يۈز بەرگەن مەيدانغا گۈل-چىچەكلەر قويۇشتى.

تاكسىچىلار ۋە مىنىبۇسچىلارمۇ بەشىكتاشتا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.

تۈركىيە بايراقلىرى بىلەن بېزەلگەن ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ شېھىتلەر تۆپىلىكىگە بارغان تاكسىچىلەر دەسلەپ ئىستىقلال مارشى ئوقۇشتى، ئارقىدىن قۇرئانى-كەرىم تىلاۋەت قىلىپ دۇئا قىلىشتى.

ماردىن، بىنگۆل، باتمان، مۇغلا، ئانتاليا، كىرىككالە، ئەنقەرە، گۈمۈشھانە، كاستامونۇ، چاناككالە ۋە ئوسمانىيە قاتارلىق ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش بولۇپ نۇرغۇن كىشى قوللىرىغا تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئېلىپ بېرىپ تېررورىزىمغا نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەشتى.

ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىمۇ نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى لەفكوشا شېھىتلەر خاتىرە مۇنارى ئالدىدا ئىستانبۇلدا بۇ قېتىم يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا شېھىت بولغانلار ئۈچۈن خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر