تۈرك لىراسى سەپەرۋەرلىك دولقۇنىغا تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىمۇ قېتىلدى
تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى قارار ماقۇللاپ، دۆلەت مىقياسىدا باشلانغان چەت ئەل پۇلىنى تۈركىيە لىراسىغا ئالماشتۇرۇش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە قېتىلدى.
623897
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى، ھەج ۋە ئۆمرە سەپىرى ھەقلىرىنى تۈركىيە لىراسى بويىچە ئېلىشنى قارار قىلدى.
تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، باشقارمىنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە سەپىرى ھەقلىرىنى تۈركىيە لىراسى بويىچە ھېسابلاپ ئېلىشقا دائىر كەڭ دائىرىلىك خىزمەتلىرىنى تاماملىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، «بۇنىڭغا ئاساسەن، باشقارمىمىز 2016 – يىلى 5 – دېكابىردىن باشلاپ ھەج ۋە ئۆمرىگە ئالاقىدار ھەقلەرنىڭ تۈركىيە لىراسى بويىچە ئېلىنىشىنى قارار قىلدى» دېگەن ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.