سائادەت پارتىيەسى يېڭى باشلىقىنى سايلىدى

سائادەت پارتىيەسى 6 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزۈپ، تەمەل قاراموللائوغلۇنى پارتىيە باشلىقلىقىغا سايلىدى.

600540
سائادەت پارتىيەسى يېڭى باشلىقىنى سايلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈرك تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايدا، تىزىملىكتىكى 1116 ۋەكىلنىڭ 891 ى بېلەت تاشلىدى. 20 بېلەت ئىناۋەتسىز چىققان سايلامدا، بىردىنبىر نامزات بولغان قاراموللائوغلۇ، 871 ئاۋاز بىلەن پارتىيە باشلىقلىقىغا سايلاندى. قاراموللائوغلۇ، سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مىننەتدارلىق نۇتقى سۆزلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە سايلاملاردا ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ سائادەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەمەل قاراموللائوغلۇغا تېلېگرامما يوللاپ تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر