غازىئاتەپتە 3 ساقچىنى شېھىت قىلغان تېررورچىلار قولغا ئېلىندى

شىرناقتىمۇ دۈگۈن داغى رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەرىكەتلەر جەريانىدا 2 تېررورچى جۇقتۇرۇلدى.

596413
غازىئاتەپتە 3 ساقچىنى شېھىت قىلغان تېررورچىلار قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غازىئاتەپتە 16 – ئۆكتەبىردە 3 ساقچىنى شېھىت قىلغان تېررورچىلار قولغا ئېلىندى.

كاستامونۇنىڭ نوسيا ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان سۈرىيەلىك 5 كىشى قولغا ئېلىندى.

غازىئاتەپتە 16 – ئۆكتەبىردە ساقچىلار دائېش ئەزالىرى يوشۇرۇنغان ئۆيگە ئېلىپ بارغان بېسىپ كېرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، 3 ساقچى شېھىت بولغان بولۇپ، قولغا ئېلىنغان تېررورچىلارنىڭ بۇ ۋەقە بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئېنىقلاندى.

بىتلىستە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەرىپىدىن ئېنىقلانغان 4 نەپەر تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرۇلدى.

شىرناقتىمۇ ئۇلۇدەرە دۈگۈن داغى رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەرىكەتلەر جەريانىدا، 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. بىر تېررورچى يارىدار ھالدا قولغا ئېلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قورال - ياراق، ئوق – دورا ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.

مۇشتىمۇ 2 مەھەللە باشلىقى بىلەن قوشۇلۇپ، 3 كىشى قولغا ئېلىندى.

دىيارباكىرنىڭ سۈر ناھىيەسىدىكى ھەرىكەتلەردە بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئېنىقلانغان 1 كىشى قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر