مېنا تازىلاش جەريانىدا يارىلانغان ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى
غازىئانتەپ ئاكچاكويۇنلۇ رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى مېنا تازىلاش خىزمىتى جەريانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئېغىر يارىلانغان ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى.
573786
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غازىئانتەپ ئاكچاكويۇنلۇ رايونىنىڭ جەنۇبىدا مېنا تازىلاش جەريانىدا بىر بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئېغىر يارىلانغان ئىككى ئەسكەر، داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى. شېھىتلەرنىڭ مېيىتى رەسمىيەتلەردىن كېيىن، مۇراسىم بىلەن يۇرتلىرىغا ئەۋەتىلىدۇ.