غازىئانتەپتە دائېشنىڭ  بومبا ئىنژېنېرى قولغا ئېلىندى

غازىئانتەپتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ۋەقە چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان 2 ئەزاسى بىلەن بومبا ئىنژېنېرى قولغا ئېلىندى.

563460
غازىئانتەپتە دائېشنىڭ  بومبا ئىنژېنېرى قولغا ئېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غازىئانتەپتە دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان تۇتۇش ھەرىكىتىدە، ۋەقە چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان 2 كىشى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خىمىيە ۋە بومبا ئىنژېنېرى ئىكەنلىكى مەلۇملۇق بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى.

ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خىمىيە ۋە بومبا ئىنژېنېرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان تالھا گۈنەش ئىسىملىق گۇماندارنىڭ شېھىت كامىل ناھىيەسى مەركىزى مەھەللىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقى بايقالدى. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ئالاھىدە ئەترىتى ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش گۇرۇپپىسى بىرلىكتە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى. تۈركىيە ۋە غازىئانتەپتە ۋەقە تۇغدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان تالھا گۈنەش، ئابدۇل مۇتەللىپ دەمىر ۋە ئايالى غەمزە دەمىر قولغا ئېلىندى. 

گۇماندارلار سوت مەھكىسىدە قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

گۇماندارلارنىڭ ئۆيىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە 20 كېلوگىرام ت ن ت تۈرىدىكى پارتلاتقۇچ، ئادەم بومبا جىلىتكىسى، 3 قول بومبىسى ۋە 1 تاپانچا قولغا چۈشۈرۈلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر