قالىن، ‹ئىستىبداتلىق ۋە دىكتاتورلۇق› سۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئۇچۇر تارقاتتى.

551493
قالىن، ‹ئىستىبداتلىق ۋە دىكتاتورلۇق› سۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن تۋىتتېر ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىدا، «ئىككى يىلدىن بۇيان سىستېمىلىق ھالدا بەرپا قىلىنغان ‹ئىستىبداتلىق ۋە دىكتاتورلۇق› سۆزلىرىنىڭ مۇددىئاسى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە زېمىن ھازىرلاشتىن ئىبارەت ئىدى. مىللەت بۇ ئويۇننى بۇزدى» دېدى.

«ئىستىبداتلىق ۋە دىكتاتورلۇق» ئىبارىلىرىنى تارقاتقۇچىلارنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا قوللىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن قالىن، بۇنىڭ بىر تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇ، «ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش غەلىبىلىك بولغان بولسا ئىدى، ‹دىكتاتورغا قارشى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغالدى، ئورۇنلۇق سەۋەبلىرى بار› دېيىشكەن بولاتتى. مىسىردا قىلغاندەكلا قىلاتتى. خەلق يول قويمىدى.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر