باش مىنىستىر يىلدىرىم راشىد دوستۇمنى قوبۇل قىلدى
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئافغانىستان پىرېزىدېنتىنىڭ بىرىنچى ياردەمچىسى راشىد دوستۇمنى چانقايا سارىيىدا قوبۇل قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئافغانىستان پىرېزىدېنتىنىڭ بىرىنچى ياردەمچىسى راشىد دوستۇمغا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم راشىد دوستۇم بىلەن چانقايا سارىيىدا يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇچرىشىشتا، يىلدىرىم دوستۇمغا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
يىلدىرىم يەنە، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ھەر ساھەدىكى قوللاش ۋە دوست ئافغانىستان بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلەرنى ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردىمۇ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.