تۈركىيە تاڭ سەھەرنى شېھىت خەۋەرلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى

تۈركىيە تاڭ سەھەرنى 5 شېھىت خەۋىرى بىلەن كۈتۈۋالدى.

539165
تۈركىيە تاڭ سەھەرنى شېھىت خەۋەرلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىرتتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق تېررورىستلارنىڭ يولغا تۇزاق قۇرۇپ كۆمۈپ قويغان پارتلاتقۇچنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ ئۆتۈشى جەريانىدا پارتلىتىشى نەتىجىسىدە 3 ئەسكەر شېھىت بولدى.

پارتلاشتىن كېيىن ئەتراپتىكى ئورمانلىقتا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، ئارقىدىنلا تېررورىستلارنى تۇتۇش ھەرىكىتى باشلاندى.

ھاققارىدا  پ ك ك لىق تېررورىستلار دەپىن ساقچىخانىسىغا تۈركىيە ۋاقتى سائەت 22.30 ئەتراپىدا ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

قاتتىق پارتلاشتىن كېيىن تېررورىستلار راكېتامىيۇتلار ۋە ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ دەرھال تاقابىل تۇرۇشى جەريانىدا 2 ساقچى شېھىت بولدى.

بىرى پۇقرا، 10 ى ساقچى بولۇپ، جەمئىي 11 كىشىنى داۋالاش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.

ھۇجۇمدىن كېيىن رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر