«تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيىتى قانداق بولار؟»

«تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيىتى قانداق بولار؟ خەلقنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر قانداق شەكىللىنەر؟»

535967
«تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيىتى قانداق بولار؟»
ataturk havalimani.jpg
Türkiye darbeye karşı ayakta.jpg
Türkiye darbeye karşı ayakta 8.jpg
Turkiyya...darbe.jpg
fetö'nün darbe girişimine tepkiler.jpg
Millet darbeye karşı meydanlara toplanıyor.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مەنسۇپ بىر گۇرۇپپا ئەسكەر 15 – ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى مەغلۇب بولدى. چۈنكى تۈركىيە خەلقى دېموكراتىيەنى قوغداش ئۈچۈن كوچىلارغا ۋە مەيدانلارغا سەلدەك ئېقىپ، ۋەتەننى قوغدىدى. ئەمدىلىكتە جىددىىي ھالەت ئېلان قىلىندى. كۆپلىگەن كىشىلەر «تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيىتى قانداق بولار؟ خەلقنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر قانداق شەكىللىنەر؟» دېگەندەك سوئاللارنى سوراشقا باشلىدى. بىز بۇ ھەقتە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە مەسئۇل باش مەسلىھەتچىسى ۋە باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن بىلەن  سۆھبەت ئېىلىپ باردۇق.

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك ئىبراھىم قالىن ئەپەندىم! TRT-World نىڭ « One on One » پىروگراممىسىغا خۇش كەپسىز. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيەدە دېموكراتىيەگە زىيان سېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتاتتى. دۆلەت بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق قانداقسىگە ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى يۈز بەردى؟ بولمىسا، ئاخبارات جەھەتتىن ئاجىزلىق تەرەپلەر بارمۇ؟

ئىبراھىم قالىن: بۇ گۇرۇپپا ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. بولۇپمۇ 17 – 25 – دېكابىر ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن مىللىي بىخەتەرلىككە تەھدىت سالىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. شۇندىن تارتىپ، ناھايىتى كۆپ  تەدبىرلەرنى ئالدۇق. بۇ گۇرۇپپىنىڭ مەنسۇپلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە دۆلەت ئورۇنلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن بىر قىسىم قەدەملەرنى تاشلىدۇق. ھالبۇكى، بۇ ئۇزۇندىن بۇيان ھەل قىلىنىش ئۈچۈن تىرىشىلىۋاتقان بىر مەسىلە ئىدى. تۈركىيە ئارمىيەسى ئىچىدىكى بىر گۇرۇپپا ئەسكەرنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىمۇ فەتھۇللاھ گۈلەن ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ھۇجۇملىرىدىن بىرى. ئارمىيە ئىچىدىكى پۈتكۈل ئارمىيەگە ۋەكىللىك قىلمايدىغان كىچىككىنە بىر گۇرۇپپا ئەسكەر شۇنداق ئۇرۇنۇشتا بولدى ۋە تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى قانلىق ھۇجۇمغا ئايلىنىپ كەتتى. كوچىلار - مەيدانلاردا بىز كۆرگەن مەنزىرىلەر ئۇلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئالجىغانلىقى ۋە غالجىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرغىچە دۆلىتىمىزدە ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان مەنزىرىلەگە شاھىت بولدۇق. ئۆز ئەسكەرلىرمىز خەلقىمىزگە قورال تەڭلىدى ۋە  ئوققا تۇتتى. قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان مەسۇم پۇقرالىرىمىز كوچىلاردا ئۆلتۈرۈلدى. 242 پۇقرايىمىز شېھىت بولدى، 1500 دىن كۆپرەكى يارىلاندى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تۈركىيەگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ بالايىئاپەتتۇر. 15 – ئىيۇل «قارا كېچىسى» باشلانغان ئۇرۇنۇش ئەتىسى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، «ئايدىڭلىق سەھەر» بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇنداق ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن قانۇنىي تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتىمىز. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئارمىيە، ئەدلىيە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە ھەرقايسى ئورۇنلارغا سىڭىپ كىرىۋالغان بۇ ئۇنسۇرلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، تازىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ، دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، دېموكراتىيە ۋە قانۇن دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ھەرىكەتتۇر.  ھەربىي - سىياسىي ئۇرۇنۇشقا كەلسەك، ئاللىقاچان نۇرغۇن تەدبىرلەر ئېلىنغانىدى، ئەمما خەلقىمىزنىڭ ۋەتەننى قوغداش يولىدىكى مىسلىسىز پىداكارلىقى بۇ ئۇرۇنۇشنى تارمار قىلدى. مېنىڭ قارىشىمچە، خەلقىمىز پۈتكۈل جاھانغا شان – شەرىپىنى قوغداش يولىدا مىسلىسىز بىر سىگنال بەردى. جۈملىدىن، دۈشمەننىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى يولىدا ھېچنېمىدىن قورقمايدىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا كۆرسىتىپ قويدى.

مۇخبىر: خەلقنىڭ جاۋابى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئىدى. سىزمۇ تەكىتلەپ ئۆتكىنىڭىزدەك، باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر بۇنداق ئىنكاس قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولسا كېرەك. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەقلىق رەۋىشتە تۈركىيە خەلقىنى كوچىلارغا چىقىپ، ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغاندا، ھۆكۈمەت خەلقنىڭ بۇنداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغانمۇ؟

ئىبراھىم قالىن: بۇ ئۇرۇنۇش باشلانغاندا، بىز ئالدى بىلەن بۇ ئۇرۇشنىڭ تەسىر دائىرىسىنى بىلىشكە تىرىشىۋاتاتتۇق. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئايان بولدىكى، بۇ ئۇنسۇرلار ئالدى بىلەن، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدىكى ھەربىي قىسىملىرى ئارقىلىق ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىكەن. بۇنىڭ ھەقىقەتەن ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېۋىزىيە  نۇتىقى سۆزلەپ، خەلقنى كوچىلار ۋە مەيدانلارغا چىقىپ، ئۇلارغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشقا چاقىردى. ئاللاھقا يۈز مىڭلارچە شۈكۈرلەر بولسۇنكى، خەلقىمىزنىڭ ۋەتەننى قوغداش ھەرىكىتى داستانسىمان بىر ھېكايىگە ئايلاندى. راستىنى ئېيتقاندا، ھېچكىم بۇنداق بىر ئۇرۇنۇشنىڭ يۈز بېرىشىنى تەخمىن قىلالمايتتى. ھەربىي ئىسيانچىلارنىڭ بۇنچىلىك قانخورلۇقىنى، ئالجىغانلىقىنى، بۇنداق رەھىمسىزلىكىنى قىلچە تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. ئالدى بىلەن، ھەممەيلەن ھاڭ - تاڭ قالدى، ئەمما ئۇرۇنۇش مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، زەپەر ۋە خۇشاللىق مۇھىتى شەكىللەندى.

مۇخبىر: تۈركىيە خەلقىنىڭ ئىنكاسىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. دەرۋەقە، ئارقىدىن شۇنچە كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا كوچىلار ۋە مەيدانلاردا ۋەتەننى قوغدىماقتا. سىزنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىمۇ؟ ياكى خەلقنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا بولغان سۆيگۈسى ۋە ساداقىتىمۇ؟

ئىبراھىم قالىن: بۇنىڭ سەۋەبى، ئالدى بىلەن، ئىنسانلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە بولغان ئىشىنچىسى ھەم ئىگىلىك ھوقۇقى پىرىپسىپلىرىغا تولۇق رىئايە قىلىشىدۇر. بىز تۈركىيەدە 1960 -، 1972 -، 1980 – يىللىرى ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردۇق. تۇنجى قېتىم بىر ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى خەلقىمىز تەرىپىدىن تارمار قىلىندى. ئىنسانلار كوچىلار ۋە مەيدانلاردا بىر تەرەپتىن زەپەرلىرىنى تەبرىكلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ھەممە ئۆزلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى، دۆلىتىنى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى قوغداش يولىدا ئاداققىچە كوچىلار ۋە مەيدانلارنى تەرك ئەتمەيدىغانلىقى توغرۇلۇق كۈچلۈك سىگنال بېرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پەقەت ھەربىي ئىسيانچىلارغىلا ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل خەلقئارا جامائەتچىلىككە بېرىلىۋاتقان بۇ سىگنالنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن، خەلقىمىزنى كوچىلار – مەيدانلارنى تەرك ئەتمەسلىككە چاقىرماقتا. كوچىلار – مەيدانلاردىكى ھەر ساھە ئاممىسىغا، ھەر تەبىقىدىكى ئىنسانلارغا نەزەر تاشلىسىڭىز، خەلقىمىزنىڭ زوراۋانلىققا قارشى مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. جۇمھۇر رەئىسىمىز ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە رەھمەت ئېيتتى. بۇمۇ كوچىلار – مەيدانلارغا تەسىر كۆرسەتتى. ئوخشىمىغان سىياسىي پارتىيەلەرنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن كىشىلەر ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى مەسىلىسىدە مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بىر تەرەپتىن بۇ ئۇرۇنۇشقا تاقابىل تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خەلققە رەھبەرلىك قىلىشىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى. چۈنكى، بۇ ھايات – ماماتلىق كېچىدىكى ئەڭ مۇھىم پەيت، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ خەلقنى كوچىلار – مەيدانلارغا چىقىشقا چاقىرىق قىلغان پەيتتۇر. بىزنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ سىگنالىنى خەلققە يەتكۈزۈشىمىز ئۈچۈن بىرئاز ۋاقىت كەتتى، چۈنكى، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىرقاتار تېخنىكىلىق مەسىلىلەر بار ئىدى. ھەربىي ئىسيانچىلار سىلەرنىڭ ئورگىنىڭلار TRT نى ئىشغال قىلىۋالغان، ئېلېكترونلۇق خەۋەرلىشىش، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق خەۋەرلىشىشنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، سۈنئىي ھەمراھ شىركەتلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. بىراق بىز بۇ قىيىن ئۆتكەلدىنمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتتۇق. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ چاقىرىقى ھەربىي ئىسيانغا قارشى ھەرىكەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر